شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ چاسېكېدىنىڭ كونگو (كىنشاسا)نىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2024.01.18 11:45 مەنبە: خەلق تورى

  1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فېلىكس چاسېكېدىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كونگو(كىنشاسا) جۇڭگو بىلەن ئەنئەنىۋى دوست دۆلەت ۋە جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. مەن زۇڭتۇڭ چاسېكېدى بىلەن بىرلىكتە، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو بىلەن كونگونىڭ ھەمكارلىقىدا يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ