لى چياڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئامخېرد بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.01.17 11:22 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېرنىدا شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئامخېرد بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن بۇرۇن، ئامخېرد لوئېن دۆلەت مېھمانخانىسىدا لى چياڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. لى چياڭ ئامخېردنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېرندا شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئامخېرد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە ئىقتىساد، مائارىپ پەن تەتقىقات مىنىستىرى پارمېلىن سۆھبەتكە قاتناشتى.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 74 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن «بىرىنچى»يەرنى ياراتتى. 2016-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم كۆرسەتمە بەردى. جۇڭگو شىۋېيتسارىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، «باراۋەر بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئورتاق پايدا ئېلىش»تەك جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو شىۋېيتسارىيە بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى سۆھبەت ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى قاتلام، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى قېزىپ، ئەركىن سودا، تاموژنا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل، پۇل مۇئامىلە، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شىۋېيتسارىيەنىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلارنى داۋاملىق ئوچۇق، ئادىل، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو شىۋېيتسارىيە بىلەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مائارىپ، ياشلار، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ مېخانىزملىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، خەلقئارا تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئامخېرد بىلەن پارمېلىن مۇنداق دېدى: شىۋېيتسارىيە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شىۋېيتسارىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەزمۇنى مول. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مەبلەغ ھەمكارلىقى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ داۋاملىق كۈچەيدى. شىۋېيتسارىيە جۇڭگو بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، مائارىپ، پۇل مۇئامىلە، پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاممىۋى سەھىيە، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، شىۋېيتسارىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئەجدىھا يىلىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقاتىنى تاماملىغانلىقىنى جاكارلىدى، رەسمىي دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىنى تېزدىن باشلاشنى قوللاپ، بۇ يىل ئىچىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو شىۋېيتسارىيە دىپلوماتىيە مىنىستىر دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت، پۇل مۇئامىلە خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنى، ئېنېرگىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنى، مائارىپ سىياسىتى سۆھبىتى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىشلىرى كېڭىشىشنى تاماملاپ، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشكە بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو شىۋېيتسارىيەگە ئۆز ئالدىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تەمىناتى بېرىدىغان بولدى، شىۋېيتسارىيەمۇ جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە شىۋېيتسارىيەگە بېرىپ مەبلەغ سالغان جۇڭگو كارخانىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ۋىزا قولايلىقى يارىتىپ بېرىدىغان بولدىسۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، ئامخېرد لوئېن دۆلەت مېھمانخانىسىدا لى چياڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. لى چياڭ ئامخېردنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ