شى جىنپىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2024.01.15 15:18 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سىياسىي - قانۇن سېپىدىكىلەر يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. سىياسىي - قانۇن سېپىدىكىلەر پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زور خەۋپسىزلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يېڭى دەۋر سىياسىي - قانۇن پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىشى كېرەك.

  مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېنچىڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سىياسىي - قانۇن پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى چۆرىدەپ، دەۋر يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ