لى چياڭ سيۇرىخقا يېتىپ بېرىپ، شىۋېيتسارىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى

2024.01.15 15:19 مەنبە: خەلق تورى

  1-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى شۋاب، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئامخېرد، ئىرېلاندىيە زۇڭلىسى ۋارادكارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شىۋېيتسارىيەگە بېرىپ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم شىۋېيتسارىيە، ئىرېلاندىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، ئىجارە ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن يۈرۈپ كەتتى.

  شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى چياڭ ئىجارە ئايروپىلان بىلەن ئىسيۇرىخ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بېرىپ، شىۋېيتسارىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئامخېرد قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىۋېيتسارىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 74 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىزچىل ساغلام تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ، 2016-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، جۇڭگو شىۋېيتسارىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئەلئارا دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو شىۋېيتسارىيەنىڭ ياۋروپا ۋە خەلقئارا سەھنىدە ئوينىغان ئۆزگىچە رولىغا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، شىۋېيتسارىيە بىلەن دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

  جۇڭگونىڭ شىۋېيتسارىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ شىيەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چېن شۈ قاتارلىقلارمۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ