دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى دانىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پادىشاھى فرېدرىك Xغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، فرېدرىك Xنىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 74 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ دانىيە مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇق بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو ـ دانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ فرېدرىك X بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ دانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كېلىشنى خالايمەن.
شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ يەنە تېلېگرامما ئەۋەتىپ دانىيەنىڭ تەختتىن چۈشكەن سابىق ئايال پادىشاھى مارگېرىتⅡگە سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ