جاۋ لېجى مالدىۋې زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

2024.01.12 10:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا مالدىۋې زۇڭتۇڭى مۇئىززۇ بىلەن كۆرۈشتى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-مالدىۋې مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدا مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو مالدىۋې مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جاۋ لېجى جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسى ۋە نەتىجىسىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالدىۋې خەلق پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە، ھەرقايسى قاتلاملار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

  مۇئىززۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالدىۋې جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىللە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى خالايدۇ.

  ۋۇ ۋېيخۇا كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  مالدىۋې زۇڭتۇڭى مۇئىززۇ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتە تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ