شى جىنپىڭ ئامېرىكا ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى دوستى ساراھ راندىيغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2024.01.11 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى دوستى ساراھ راندىيغا جاۋاب خەت قايتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆككە تاقاشقان دەرەخ بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ھەمكارلىق مېۋىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ، ھەم ئىككى دۆلەتكە بەخت ياراتتى، ھەم دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئالدى بىلەن ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا مەنسۇپ؛ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تايىنىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. جۇڭگولۇقلار دائىم: تۈمەن پارچە كىتاب ئوقۇپ، تۈمەن چاقىرىم يول يۈرۈش كېرەك، دەيدۇ. مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىمنى جاكارلايمەن، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئامېرىكىدىكى تېخىمۇ كۆپ ياش - ئۆسمۈرنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، ئۆز كۆزى ئارقىلىق جۇڭگونى كۆزىتىپ، ئۆز قۇلىقى ئارقىلىق جۇڭگو ئاۋازىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئۆز قەدەملىرى ئارقىلىق جۇڭگونى كېزىپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگونى ھېس قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت. مەن ماسكاتىندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ تۈرگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە تەرەققىي تاپقان دۆلەت، بۇ پىلانېتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى، ياخشىلىنىشىغا ئېھتىياجلىق. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  يېقىندا، ئامېرىكا ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى دوستى ساراھ راندىي رەئىس شى جىنپىڭغا خەت ئەۋەتىپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىدە قىلغان سۆزى كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە كەلگۈسى بەش يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلغانلىقى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، ماسكاتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭمۇ بۇ پىلانغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، زەھەرلىك بۇيۇم ۋە رايون توقۇنۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەرنى قول تۇتۇشۇپ ھەل قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ