شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ، ھاسىنانىڭ بېنگال زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

لى چياڭ زۇڭلى ھاسىناغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

2024.01.12 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى شەيخ ھاسىناغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ بېنگال خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بېنگال ئەنئەنىۋى دوست قوشنىلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 49 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللاپ، ئۆز تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كەلدى. بۇلتۇر 8-ئايدا، مەن زۇڭلى ھاسىنا بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-بېنگال مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو-بېنگال ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، جۇڭگو-بېنگال ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ زۇڭلى ھاسىناغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ