شى جىنپىڭ تۇنىس زۇڭتۇڭى سەيىد بىلەن جۇڭگو - تۇنىس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.01.11 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنىس زۇڭتۇڭى سەيىد بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۇنىسنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش نەتىجىلىرى مول بولدى. 2022 - يىلى 12 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، مەن زۇڭتۇڭ سەيىد بىلەن كۆرۈشۈپ ھەم مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو - تۇنىس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردۇق. مەن جۇڭگو - تۇنىس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سەيىد بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو - تۇنىس ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  سەيىد مۇنداق بىلدۈردى: تۇنىس بىلەن جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان دوستانە ئۆتۈپ كەلدى، ھەمكارلىقى ئالاھىدە نەتىجىلىك بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئورتاق قىممەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بەردى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. تۇنىس تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىستىقبالى پارلاق يېڭىچە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تۇنىس زۇڭلىسى خاسانى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەن زۇڭلى خاسانى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، جۇڭگو - تۇنىس دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايمەن.

  خاسانى مۇنداق بىلدۈردى: تۇنىس تەرەپ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ