لى چياڭ مالدىۋې زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

2024.01.12 14:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن مالدىۋې زۇڭتۇڭى مۇئىززۇ بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن مالدىۋې دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن جۇڭگو مالدىۋې مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئاچتى. جۇڭگو مالدىۋې بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆك ئىقتىساد ۋە يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق ھەمكارلىقلارنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن مالدىۋېنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ.

  مۇئىززۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالدىۋې بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش ۋە دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ