مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى

ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى

2024.01.24 02:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت 2 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، نۇرغۇن كۈچنى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى.

  سائەت 2 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئاقسۇ شۆبە ھەربىي رايونى ئالدىن ئەۋەتكەن 2 ئاپتوموبىلدىكى 8 ئادەم يەر تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىغا بېرىپ تەكشۈردى ھەمدە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش شۆبە ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش سايمانلىرىنى ئېلىپ يامانسۇ قىرغىز يېزىسىغا يېتىپ باردى. سائەت 2 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ئاقسۇ تارماق ئەترىتى ئالدىن ئەۋەتىلگەن رازۋېدكا گۇرۇپپىسىنى يەر تەۋرەش مەركىزى رايونىغا ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى، قىزىلسۇ تارماق ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئاقچى ناھىيەسى قۇلانسارىق يېزىسىغا بېرىپ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى.

  يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دەرھال جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ ۋە ھۆكۈم چىقىرىپ، قىسىمنى ھەرىكەت قىلىشقا تەشكىللىدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئەھۋالنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، كېچىلەپ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق گۇرۇپپىسى قۇردى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، بارلىق ئامىللارنى ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ ئىگىلەپ، قىسىمنىڭ ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىپ، كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇردى.

  سائەت 6 گىچە، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم 1300 دىن ئارتۇق ئوفىتسېر-ئەسكەرنى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، خەتەرنى تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم خەتەردىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش لايىھەسى ۋە يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يىغىلىپ بۇيرۇق كۈتۈشكە تەشكىللەپ، ھەر ۋاقىت ئالدىغا چىقىپ ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ