مۇھىم خەۋەرلەر

2024-يىلى شىنجاڭدا شەھەر-بازارلاردىكى 1000 غا يېقىن كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىپ، 200 مىڭ ئائىلىگە نەپ يەتكۈزۈش پىلانلاندى

2024.01.24 02:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىلى شىنجاڭدا شەھەر-بازارلاردىكى 1000 غا يېقىن كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشتە ئىش باشلاپ، 200 مىڭ ئائىلىنى قاپلاشنى پىلانلانغان.

  «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شەھەر ئىقتىدارى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شەھەر قىياپىتى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلىدۇ» دېدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تۇرالغۇ كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى شىن، ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇش خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا. 2023-يىلى، شىنجاڭدا شەھەر-بازارلاردىكى 1152 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشتە ئىش باشلىنىپ، 219 مىڭ 100 ئائىلىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.

  كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ يانداش ئەسلىھەلىرى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئىلمىي پىلانلاپ، «كارىدور ئىنقىلابى»، «مۇھىت ئىنقىلابى»، «باشقۇرۇش ئىنقىلابى»نى پائال يولغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىر تۈركۈم ئۈلگە تۈرلىرىنى بەرپا قىلدى.

  ھازىرغىچە، كۈيتۈن شەھىرى خەينائېر ئولتۇراق رايونى ۋە ئاقسۇ شەھىرى گوتەي ئولتۇراق رايونى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ئالاقە نۇقتىسى مىسالى توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك فارفور زاۋۇتى ئولتۇراق رايونى قاتارلىق ئالتە تۈر پۈتۈن شىنجاڭدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشتىكى ئۈلگىلىك تۈر بولۇپ باھالاندى.

  2019-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭدا شەھەر-بازارلاردىكى 6031 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلۇپ، 972 مىڭ 900 ئائىلە نەپكە ئېرىشتى. 733 لىفىت ئورنىتىلدى، 3 مىليون 57 مىڭ مېتىر تۈرلۈك تۇرۇبا لىنىيەسى ئۆزگەرتىلدى، يەر يۈزىدە 46 مىڭ 869 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، 1951 توكلۇق ئاپتوموبىلنى توكلاش تۈۋرۈكى، 9281 ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توكلاش تۈۋرۈكى كۆپەيتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ