مۇھىم خەۋەرلەر

بىڭتۈەن 2048 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىدۇ

خىزمەت ئورنى جەدۋىلى كەلدى

2024.01.24 02:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 2024-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، جەمئىي 2048 ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلاندى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 1-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 12 دىن 1-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 18 گىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىمتىھان ئۇچۇر تورى (http://btpta.xjbt.gov.cn) غا چىقىپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ.

  ئاممىۋى پەن يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، كەسپىي پەن يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن.

  سىزگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورنى بارمىكەن، تېز كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ!

  قوبۇل قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىدىغان ئادەم سانى، كونكرېت خىزمەت ئورنى، سالاھىيەت شەرتى، مەسلىھەت سوراش تېلېفونى قاتارلىقلارنىڭ تەپسىلاتىنى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 2024-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىش ئورنى جەدۋىلى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىش ئورنى جەدۋىلى» دېيىلىدۇ)دىن كۆرۈڭ، ئالاقىدار ئىمتىھانغا تىزىملىتىش سىياسەت-بەلگىلىمىلىرى، تىزىملىتىش تور تېخنىكىسى ۋە ئىمتىھان مەيدانى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 2024-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش كۆرسەتمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىمتىھانغا تىزىملىتىش كۆرسەتمىسى» دېيىلىدۇ)دىن كۆرۈڭ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىمتىھان ئۇچۇر تورى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار «خىزمەت ئورنى جەدۋىلى»دىكى خىزمەت ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان، خىزمەت تارىخى قاتارلىق سالاھىيەت شەرتلىرىدىن مەسلىھەت سورىماقچى بولسا، قوبۇل قىلغۇچى ئورگان بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ