مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا ئەمگەك كاپالىتىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ 12 ئېغىر قىلمىش ئېلان قىلىندى

2024.01.24 02:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئەمگەك كاپالىتىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىشلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشتەك ئېغىر لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش، سەمىمىي بولۇشىغا بولغان ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك كاپالىتىگە دائىر قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى شىنجاڭدىكى 2023-يىلى 4-پەسىللىك ئەمگەك كاپالىتىگە دائىر 12 قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىشنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى، بۇ قىلمىشلاردا نېسى قالغان ئىش ھەققى 20 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يەنە شىنجاڭدىكى 2023-يىللىق 3-تۈركۈمدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇپ لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش ئوبيېكتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى، بۇ، كۇچا تيەنچى بىناكارلىق-بېزەكچىلىك قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق تۆت شىركەتكە چېتىلىدۇ. كونكرېت ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:

  شىنجاڭدىكى 2023-يىلى 3-تۈركۈمدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇپ لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش ئوبيېكتى ئىسىملىكى

  1. كارخانا نامى: كۇچا تيەنچى بىناكارلىق بېزەكچىلىك قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

  تىزىملىككە كىرگۈزۈش سەۋەبى: 42 ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ھەققىدىن 178 مىڭ 700 يۈەننى نېسى قالدۇرغان.

  2. كارخانا نامى: كۇچا شىنچېڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى

  تىزىملىككە كىرگۈزۈش سەۋەبى: 97 ئەمگەكچىنىڭ 1 مىليون 980 مىڭ 311 يۈەن ئەمگەك ھەققىنى نېسى قالدۇرغان.

  3. كارخانا نامى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دىلىخې قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى

  تىزىملىككە كىرگۈزۈش سەۋەبى: 25 ئەمگەكچىنىڭ 445 مىڭ 497 يۈەن ئەمگەك ھەققىنى نېسى قالدۇرغان.

  4. كارخانا نامى: ئاقسۇ خۇڭجەن بىناكارلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

  تىزىملىككە كىرگۈزۈش سەۋەبى: 20 ئەمگەكچىنىڭ 126 مىڭ 380 يۈەن ئەمگەك ھەققىنى نېسى قالدۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ