مۇھىم خەۋەرلەر

ئۈچ تارماق مەركەزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ شىنجاڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بەردى

2024.01.23 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  23- يانۋار سەھەر، دۆلەت ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى يەرلىكنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە 1000 چېدىر،5000 پاختىلىق چاپان (سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىمى)، 5000 يوتقان، 5000 كۆرپە، 5000 قاتلىما كارىۋات، 1000 ئىسسىنىش ئوچىقىنى جىددىي يۆتكەپ بېرىپ، يەرلىكنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ