شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ ھەرقايسى رايونلاردىكى خادىملار تاغ سىرتىغا چىقالايدىغان بولدى
2024.01.17 14:27 مەنبە: خەلق تورى
ئۇدا نەچچە كۈن قار تازىلاش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قۇمقاناس كەنتىدىن ناھىيە بازىرىغا تۇتىشىدىغان يولنىڭ قار توسۇلغان بۆلىكى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 13 لەردە راۋانلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى قار كۆچكۈنى سەۋەبىدىن يوللار توسۇلۇپ قالغان شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى خادىملار تاغ سىرتىغا چىقالايدىغان بولدى. سۈرەتتە 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تارتىلغان قۇمقاناس كەنتى ئۆچرەتتە تۇرۇپ سىرتقا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ