مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ توققۇز خىل قىلمىشقا جازا بېرىلمەيدۇ ياكى تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلغان بولسا جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ!

شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكى، يېزا ساھەسىدىكى «جازادىن كەچۈرۈم قىلىش تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى

2024.01.03 23:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى قانۇن ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا ساھەسىدىكى يېنىك دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سىغدۇرۇش، جازادىن كەچۈرۈم قىلىش تىزىملىكى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جازادىن كەچۈرۈم قىلىش تىزىملىكى» دېيىلىدۇ)نى تۈزۈپ چىقتى.

  «جازادىن كەچۈرۈم قىلىش تىزىملىكى» «يېنىك دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا جازا بەرمەسلىك» ۋە «تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلغان بولسا جازا كەچۈرۈم قىلىش»تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تۆۋەندىكى يېنىك دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا جازا بېرىلمەيدۇ:

  1. ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش قورالى، سېلىنچىسى، ئورالمىسى، قاچىسى قاتارلىقلار گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىيە تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە.

  2. ئەرمەك ھايۋانلارنى داۋالاش ئاپپاراتى، ھايۋانات باغچىسى، يېمەكلىك قىلىنمايدىغان ھايۋانات باققۇچى ئورۇن، پەن تەتقىقات ئاپپاراتىدىن ئادەمگە ئىشلىتىدىغان دورىلارنى ھايۋاناتقا ئىشلەتكەنلەر.

  تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارغا جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ:

  1. چارۋا-قۇش فېرمىسى باقمىچىلىق ئارخىپى تۇرغۇزمىغان ياكى باقمىچىلىق ئارخىپىنى بەلگىلىمە بويىچە ساقلىمىغان بولسا.

  2. گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىدىكى بەلگە سېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ بەلگە قويۇلمىغان چارۋا-قۇشنى ساتقان، سېتىۋالغانلار ياكى چارۋا-قۇش بەلگىسىنى تەكرار ئىشلەتكەنلەر.

  3. ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئەينەن تەمىنلىمىگەنلەر.

  4. باققان ھايۋاناتنى ھايۋانات يۇقۇمى بويىچە مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاش پىلانى ياكى ئىممۇنىتېتلاش تېخنىكا قائىدىسى بويىچە ئىممۇنىتېتلاپ ئەملىمىگەنلەر ۋە باشقىلار.

  5. دورا ئىشلىتىش خاتىرىسى مۇكەممەل بولمىغانلار ۋە راست بولمىغانلار.

  6. يەم-خەشەك، يەم-خەشەك خۇرۇچى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارغا قارىتا بەلگىلىمە بويىچە سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش خاتىرىسى تۈزۈمىنى يولغا قويمىغان ياكى مەھسۇلات ئەۋرىشكىسىنى قالدۇرۇپ كۆزىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويمىغانلار.

  7. يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر (شەخسلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ) ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنىڭ ئورالما تاشلاندۇقلىرى ياكى يېزا ئىگىلىك سۇلياۋ يوپۇقلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا يىغىۋالمىغان ياكى دېھقانچىلىق دورىسى ئورالما تاشلاندۇقلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا يىغىۋالماي، مەخسۇس ئاپپارات ياكى تەشكىلاتنىڭ زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرمىغانلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ