مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىكى بەش تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2024.01.03 23:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2024-يىلى يېڭى يىل، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىكى بەش تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شۈگۇاڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى كۈچلۈك بولماسلىق، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قاراش قاتارلىق مەسىلىلىرى.

  2012-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، چېن شۈگۇاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھوقۇقنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قالايمىقان ئىشلىتىپ، تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق ۋە ئورمان يېرىنى قانۇنغا خىلاپ ئىگىلەپ، «مەنزىرە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى» قىلىپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ساختىپەزلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى يوشۇرغان، باشقىلارغا ئارتىپ قويغان، ھەتتا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كارخانىلار ئارقىلىق شەكلى ئۆزگەرگەن قەرز ئالغان؛ مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلماي، يەر ئېلىش-كۆچۈرۈش تولۇقلىما پۇلىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەھەر قۇرۇلۇشى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش، خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئاۋۋال چېقىش-كۆچۈرۈش، ئاندىن تۆلەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، چېقىش-كۆچۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بېرىش مەسىلىسىنىڭ ئۇزاققىچە ھەل قىلىنماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن. چېن شۈگۇاڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەر تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى بەي خېبىننىڭ نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلىرى.

  2019-يىلى، بەي خېبىن كۇچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم، كۇچا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر بولغان مەزگىلدە، نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىپ، «پېشانىسىگە پاققىدە بىرنى شاپىلاقلاپلا» تەدبىر بەلگىلىگەن، بەزى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە سۈرئەتكە يېتىشىۋېلىش، نەتىجە چىقىرىش ئۈچۈن يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەن، ئىش باشلاش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن، خېرىدار چاقىرمىغان ئەھۋالدا ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىشقا قارىغۇلارچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، زور زىيان پەيدا قىلغان؛ خىزمەتتە ئوخشاشمىغان پىكىرگە قۇلاق سالماي، مالىيە مەبلىغى «ئامانەت تالونىنى گۆرۈگە قويۇش» ئۇسۇلى بىلەن خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئېلىشىغا كېپىل بولۇشنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قارار قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار تارماقلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىشقا قاتناشقان زاۋۇت بىناسى سالىدىغان خۇسۇسىي كارخانىلارغا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەي خېبىندا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  تارباغاتاي ۋىلايەتلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى گۇەن بياۋنىڭ مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلماسلىق مەسىلىسى.

  2020-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، گۇەن بياۋ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرۇشقا سەل قارىغان، تەكشۈرۈشتە بىپەرۋالىق قىلغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، بۇنىڭ بىلەن ۋىلايەتتىكى دۆلەت كارخانىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 14 ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، دۆلەت مۈلكىنى ئىسراپ قىلغان؛ ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزمەي، ۋىلايەتلىك تىكتاك توپ جەمئىيىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولغان مەزگىلدە دۆلەت كارخانىلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەبلەغ چىقىرىپ تىكتاك توپ سارىيىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان. گۇەن بياۋدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەر تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئەرمۇدۇن يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى، 4-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى لو شۈنىڭ خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان قىلىش قاتارلىق مەسىلىلىرى.

  2014-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، لو شۈ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىپادە بىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سەل قاراپ، خىزمەتنى يۈزەكى ئىشلەپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان؛ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان، يېزا-كەنت ئىككى دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى كۆپ، تەكرار يۈز بەرگەن؛ خىزمەت ئىستىلىدا زومىگەرلىك قىلىپ «ئۆزىنىڭكىنى راست قىلغان»، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىغا سەل قاراپ، كادىرلار ئىشلىرى، تۈر قۇرۇلۇشى، مەبلەغ تەستىقلاش قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئىشلارنى شەخسىي قارار قىلغان. لو شۈدە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەر تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  غۇلجا شەھىرى توغراق يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى زاھىر تالىپنىڭ ھوقۇقنى خالىغانچە ئىشلىتىش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلىرى.

  2021-يىلى، زاھىر تالىپ كەنت «ئىككى كومىتېتى» كېڭىشىش، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەردىن ئۆتمىگەن ئەھۋالدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۇ يېزىنىڭ سايتوغراق كەنتىدىكى 330 مو بېلىق كۆلچىكىنى مۇناسىۋىتى بار ئائىلىلەرنىڭ كۈزگى بۇغداي تېرىشقا ئۆزگەرتىشىگە ھۆددىگە بەرگەن؛ خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي، قوپال بولۇپ، ئاممىغا مەجبۇرىي ۋەزىپە يۈكلەپ، ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. زاھىر تالىپتا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەر تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  يۇقىرىقى بەش شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا ياتىدىغان تىپىك مەسىلە پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى. بەزى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى دەۋرى، يېڭى باسقۇچىد، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قايتا-قايتا تەكىتلىگەنلىرىنى يەنىلا نەزەرگە ئالماي، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا سەل قاراپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقى، خىزمەت ئىستىلىنىڭ تۇترۇقسىزلىقى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق بىلەن ھە دەپ شۇغۇللىنىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقى، ساۋاقلىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر بولغانلىقى، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش كېرەكلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ