مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 5-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتى باشلاندى

2024.01.02 15:58 مەنبە: خەلق تورى

  1-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 5 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەسمىي تىزىملاشقا باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك «جې موۋ» كۆزەينەك سېتىش چەكلىك شىركىتى، خېگۇ رېنجيا ئاشخانىسىغا بېرىپ ئۈچ كارخانا (تىجارەتچى)نىڭ نەق مەيداندا تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى .

  بۇ كۈندىن باشلاپ 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا 38 مىڭدىن ئارتۇق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىمى (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىنىشكا تاقاپ، قولىدا PAD (كۆچمە تېرمىنال ئۈسكۈنىسى)نى ئېلىپ يۈرۈپ، شىنجاڭدىكى 2-كەسىپ ۋە 3– كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق قانۇنىي ئىگە-ئورۇنلار، كەسىپىي پائالىيەت ئورۇنلىرى ۋە يەككە تىجارەتچىلەرگە قارىتا ئائىلىلەرگە كىرىپ تىزىملاش قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، خادىملارنىڭ مائاشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مالىيە ئەھۋالى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال، تەتقىق قىلىپ ئېچىش پائالىيىتى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ شۇنداقلا سېلىنما قۇرۇلمىسى، مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىلىش يۆنىلىشى ۋە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ شەكىللىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  5-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت.

  ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارىتا بىر قېتىم «ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش» ۋە «مەركەزلىك ئېنىقلاش»، «كۆڭۈلدە سان بولۇش»، «تېگى-تەكتىنى بىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق تەدبىر بەلگىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، بۇ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ