مۇھىم خەۋەرلەر

«غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسىدىن زوقلىنايلى!

شىنجاڭ «ئاتۇش دوستلۇق لوڭقىسى» ئاز سانلىق مىللەتلەر چېلىشىش تەكلىپ مۇسابىقىسى باشلاندى

2023.12.19 22:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 14-كۈنى «ئاتۇش دوستلۇق لوڭقىسى» ئاز سانلىق مىللەتلەر چېلىشىش تۈرىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە تەكلىپ مۇسابىقىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەنتەربىيە سارىيىدا داغدۇغىلىق باشلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 80 تەنھەرىكەتچى، تىرېنېر، رېپىر ئاتۇش شەھىرىگە جەم بولۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

  ئىچكى موڭغۇل شىرىنغول ئايمىقىدىن كەلگەن ماھىر مېندام گۇلاڭ: «توققۇز سائەت ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ كەلدىم، سەپەر ناھايىتى جاپالىق بولدى، لېكىن نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن بۇ قېتىمقى سەپىرىمنى بىھۇدە كەتمىگەندەك ھېس قىلدىم. مەن چېلىشىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، شىنجاڭنىڭ چېلىشىش ئۇسۇلى ئىچكى موڭغۇلنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ، ئىقتىدارىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

  ئۇيغۇرچە چېلىشىش 2011-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ، ئاساسلىقى خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا تارقالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ