شى جىنپىڭ گەنسۇ لىنشيا ئوبلاستىنىڭ جىشىشەن ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بەردى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2023.12.19 13:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بېيجىڭ ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى سائەت 23تىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، گەنسۇ لىنشيا ئوبلاستىنىڭ جىشىشەن ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئون كىلومېتىر. ھازىرغىچە، يەر تەۋرەشتە گەنسۇدا 100 ئادەم ئۆلدى، چىڭخەيدە 11 ئادەم ئۆلدى، سۇ، توك، قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق قىسمەن ئۇل ئەسلىھەلەر زىيانغا ئۇچرىدى.

  يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: گەنسۇ لىنشيا ئوبلاستىنىڭ جىشىشەن ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرەپ ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش كۆرۈلدى، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، يارىلانغانلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. ئاپەت رايونى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ھاۋاسى سوغۇق، يەر تەۋرەش ئەھۋالى ۋە ھاۋارايى ئۆزگىرىشىنى زىچ كۆزىتىپ ئۆلچەپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەشكە تېزدىن تەشكىللەپ، زىيانغا ئۇچرىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، قاتناش، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. گوۋۇيۈەن ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم يەرلىككە پائال ماسلىشىپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش ھەم يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى ئازايتىش كېرەك. ھازىر دەل قىش پەسلى، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، زىيانغا ئۇچرىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېزدىن رېمونت قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ياخشى ئىشلەپ، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاپەت يۈزبەرگەن رايوننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىككىلەمچى ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، قۇتقۇزۇش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى. گەنسۇ، چىڭخەي كۈچ تەشكىللەپ خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى ھەم چېدىر، يىغما كارىۋات، يوتقان قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي يۆتكەپ، ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ