شى جىنپىڭ لى جياچاۋنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى

لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2023.12.19 13:52 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بەرگىلى كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

  ■ بىر يىلدىن بۇيان، باش مەمۇر لى جياچاۋ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شياڭگاڭ رايونىنىڭ پارلامېنت تۈزۈمىنى قايتا بەرپا قىلىپ، رايونلۇق پارلامېنتنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، شياڭگاڭنىڭ يۇقۇمدىن قۇتۇلۇشى، ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشنى كۈتۈۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئۆزگىچە ئورنى ۋە ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، قالايمىقانچىلىقتىن تىنچلىققا ئۆتۈش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، شياڭگاڭنىڭ تىنچلىقتىن گۈللىنىشكە قاراپ قەدەم تاشلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. مەركەز باش مەمۇر لى جياچاۋ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بەرگىلى كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، باش مەمۇر لى جياچاۋ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شياڭگاڭ رايونىنىڭ پارلامېنت تۈزۈمىنى قايتا بەرپا قىلىپ، رايونلۇق پارلامېنتنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، شياڭگاڭنىڭ يۇقۇمدىن قۇتۇلۇشى، ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشنى كۈتۈۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئۆزگىچە ئورنى ۋە ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، قالايمىقانچىلىقتىن تىنچلىققا ئۆتۈش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، شياڭگاڭنىڭ تىنچلىقتىن گۈللىنىشكە قاراپ قەدەم تاشلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. مەركەز باش مەمۇر لى جياچاۋ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز. مەركەز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەي ئومۇميۈزلۈك توغرا قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى، سۇ تىرانسپورتى مەركىزى، سودا مەركىزى بولۇش ئورنىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋزەللىكى جەزمەن ئۈزلۈكسىز نامايان بولىدۇ، شياڭگاڭنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل!

  لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، شى تەيفېڭ، چېن ۋېنچىڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ