شى جىنپىڭ كۇۋەيتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەمرى مىشالغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

2023.12.19 13:55 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 17-كۈنى كۇۋەيتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەمرى مىشالغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، ئۇنىڭ كۇۋەيت ئەمرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كۇۋەيتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو بىلەن كۇۋەيت بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەش بولدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو-كۇۋەيت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئەمىر مىشال بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-كۇۋەيت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ