مۇھىم خەۋەرلەر

جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە، ياخشى تۇتۇش لازىم

2023.12.03 20:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولسا، جەنۇبىي شىنجاڭ «شاھماتنىڭ كۆزى». بۇ شاھمات كۆزىنى جانلاندۇرغاندا ئاندىن ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەلىك رايونى) نەق مەيدان يىغىنى ئېچىشتىن 2023-يىللىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنى ئېچىشقىچە، يەنە «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت، تەدبىر»نى تۈزۈپ يولغا قويۇشقىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، كەسىپ تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى، كوئېنلۇن تېغى باغرىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى بىر ئاتاكىغا ئۆتۈپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشىدىغان تارىخىي جەريان كېرەك، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي جەھەتتىن بىرقەدەر ئارقىدا قالغان جەنۇبىي شىنجاڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. يەنە بىر قېتىم پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەلىك رايونى) يىغىنىنى ئېچىشتىكى مەقسەت يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، سالماقنى كېمەيتمەسلىك، «ھەر ۋاقىت خاتىرجەم بولالمايدىغان» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ھەقىقىي قەلبكە پۈكۈپ، زىممىسىگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، بۆسۈش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى، ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى توغرا تېپىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېخىمۇ پايدىلىق تۈپ ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا، مەسىلە يۆنىلىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېتەرسىزلىكلەرنى بىلىپ ئىلگىرىلەش، يىراققا نەزەر سېلىپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈش بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، مائارىپ تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئىقتىسادنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇچ كەلگەن رېئال خىرىسنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش كېرەك. دائىم يىراقنى كۆزلەپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، يۇقىرى چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  «تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىش»، «ئۆزىگە بېسىمنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۈتۈپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش كېرەك»... ۋىلايەت، ئوبلاست، شى، شەھەرلەرنىڭ ئىپادىلىرىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ھېس قىلالايمىز. دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش ئالاھىدە سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا توغرا ئىشلەش يۆنىلىشىنى توغرىلاپ، ئىشلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كۈچەيتىپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگەندە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا چوقۇم كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ