دىڭ شۆشياڭ تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلدى ھەمدە جۇڭگو-تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.11.30 13:29 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 11-ئاينىڭ 28-29-كۈنىلىرى تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردى مۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشتى، تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مېلېدوۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە جۇڭگو-تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىدە «چوڭ ھالقىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بەردى مۇھەممەدوف بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئىككى تەرەپ قاتلىمىدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو تۈركمەنىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-تۈركمەنىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو-تۈركمەنىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-تۈركمەنىستان ھەمكارلىقىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى پىلانلىغان ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئال نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، جۇڭگو تۈركمەنىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  بەردى مۇھەممەدوف دىڭ شۆشياڭدىن رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركمەنىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئالاھىدە خاراكتېرگە ئىگە. تۈركمەنىستان جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈركمەنىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. تۈركمەنىستان جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مېخانىزمىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  11 -ئاينىڭ 29-كۈنى دىڭ شۆشياڭ بىلەن مېلېدوۋ جۇڭگو-تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر ئومۇميۈزلۈك تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دىققەت ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، تەبىئىي گاز، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ھەمكارلىق قارالمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلدى ھەم كېيىنكى باسقۇچلۇق ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى پىلانلاندى. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ، ئىقتىساد-سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كۆلىمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئەۋزەل ئىقتىسادىي تۈرلەرنى جىپسىلاشتۇرۇش كېڭىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ قاتناش ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ يېڭى يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە بىرلىكتە زەربە بېرىشكە قوشۇلدى. جۇڭگو تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يىغىندىن كېيىن، دىڭ شۆشياڭ بىلەن مېلېدوۋ «جۇڭگو-تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى مۇھىم خاتىرىسى»نى ئىمزالىدى ھەمدە پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى، خەلقئارا يول تىرانسپورت كېلىشىمى قاتارلىق ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ