مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى خەن جېڭ 29-چېسلا بېيجىڭدا جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 14-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى. بۇ يىل، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، شۇنداقلا جۇڭگو-رۇسىيە ئەلئارا دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. كومىتېتنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېلەر يىلى جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى ۋە مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئەل ئىچى دىپلوماتىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇشچانلىقى، چاقىرىق كۈچى ۋە تۈرتكىلىك كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كومىتېتنىڭ رۇسىيە تەرەپ رەئىسى تىتوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقتا گەۋدىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كومىتېت كېلەر يىللىق مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا ئالاقىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ