لى چياڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2023.11.30 11:10 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 28-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېيجىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسى دۇنيادىكى تەمىنلەش زەنجىرى باش تېما قىلىنغان تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى تەس بولماقتا. رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەندەك، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش-دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. دۇنيا كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە تەخىرسىز ئۈمىدى. جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈشى دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا ماسلىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەلقئارالىق سۇپا بەرپا قىلىش ئۈچۈندۇر.

  لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەمكارلىق مۇقىم بولۇپ، داۋاملىق چوڭقۇرلاشقاندا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشىدۇ؛ دۇنيا كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەمكارلىق توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بىر ئىزدا توختاپ قالغاندا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك زىيانغا ئۇچرايدۇ. جۇڭگو ھەم دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىغا قاتناشقۇچى، مەنپەئەتلەنگۈچى، ھەم قەتئىي قوغدىغۇچى ۋە قۇرغۇچى. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى تېخىمۇ ئەۋرىشىم، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ۋە دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.لى چياڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇنداق تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، بىخەتەر، مۇقىم كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنى تەڭ بەرپا قىلىش. نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى بايلىقىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازار ھەرىكىتىگە خالىغانچە ئارىلاشماسلىق كېرەك. جۇڭگو دۇنيانى داۋاملىق ئەلا سۈپەتلىك جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، مۇقىم جۇڭگو تەمىناتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككىنچى، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى تەڭ بەرپا قىلىش. دۇنيا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامىللارنى تېخىمۇ قولايلىق ئايلاندۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەقسىملەش كېرەك. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. ئۈچىنچى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى تەڭ بەرپا قىلىش. قورۇقچىلىق ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى «ئالاقىنى، زەنجىرنى ئۈزۈش»كە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، يېشىل تەرەققىيات ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىدۇ. تۆتىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنى تەڭ بەرپا قىلىش. ھەرقايسى دۆلەتلەر كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىدىغان، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىدىغان، پايدىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان دۇنيا كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان كەسىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا قىممەت زەنجىرىگە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ھەرقايسى دۆلەت كارخانىچىلىرىنىڭ دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئارقىدىن لى چياڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى لاكالې، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىۋېرا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى گرېنسپان قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى.ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، لى چياڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمە سارىيىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە ئالاقىدار كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  يىن لى، ۋۇ جېڭلۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ