يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ تور بېكىتىدە «ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ساياھەت ئۈلگە ئورۇنلىرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ئېلان قىلىندى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى قاتارلىق توققۇز ئورۇن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ساياھەت ئۈلگە ئورۇنلىرى ئۆلچىمىگە يەتتى. ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:
1. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى
2. تۇرپان مۇزېيى
3. باينغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مۇزېي
4. تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى
5. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي
6. ئالتاي ۋىلايىتى فۇيۈن ناھىيەسى كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى
7.قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى ئىپارخان باغچىسى مەنزىرە رايونى
8. ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى
9. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى ئالتە يۇلتۇز كوچىسى مەنزىرە رايونى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ