مۇھىم خەۋەرلەر

بىر قېتىم يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى، ئىككى قېتىم ھۆل-يېغىن بولىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك مۇھىم ھاۋارايى ئەسكەرتمىسىنى بىلىۋېلىڭ

2023.08.23 16:18 مەنبە: تىيانشان تورى

  8-ئاينىڭ 22-كۈنى كۈندۈزدىن 8-ئاينىڭ 25-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئارىلاپ ئازراق يامغۇر ياغىدۇ(دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى قىمسى، شەرقىي قىسمى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربى قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايوندىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ؛ يۇقىرىقى رايونلاردا 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا 8 بالدىن 9 بالغىچە شامال چىقىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 4 بالدىن 5 بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا قۇم ئۇچۇپ تۇرىدىغان ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

  8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە(شەرقىي شىنجاڭدا 8-ئاينىڭ 29ـ كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ)، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، بايىنغۇلىن ئوبلاستى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن 37 سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋرايى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ.

  8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنى كېچىگىچە، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ(دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ؛ يۇقىرىقى رايونلاردا 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 8 بالدىن 9 بالغا يېتىدۇ.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى تاغ كەلكۈنى گېئولوگىيەلىك ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىشنى ھەمدە ئورمان، يايلاقلاردا ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئەسكەرتىدۇ.

  كەلگۈسى بىر ھەپتە ئىچىدىكى باشقا ۋاقىتلاردا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ