مۇھىم خەۋەرلەر

2023 ـ يىللىق(جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

2023.08.23 16:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  80 ئورۇن، كارخانا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە كۆپ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  8 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، بەش كۈن داۋاملاشقان 2023 ـ يىللىق(جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىدە، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان 80 ئورۇن، كارخانا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا «ئەڭ ئالقىشلانغان كارخانا» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

  دۆلەت ئىچىدىكى 26 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە چېگرا سىرتىدىكى 40 دۆلەت ۋە رايون كۆرگەزمىگە، يەرمەنكىگە قاتناشتى، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىن كەلگەن 1400گە يېقىن كارخانا بىر يەرگە جەم بولدى... بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەر ساھە زاتلار «يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنى سۇپا قىلىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دوست تۇتتى، تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى ياراتتى، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىدە كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودا ئۆمەكلىرى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئورۇنلار، مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بويىچە ئۈچ چوڭ تۈردىكى توققۇز مۇكاپات تۈرى تەسىس قىلىندى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودا ئۆمەكلىرى تۈرىدە سودا ئۆمەكلىرىنىڭ كۆرگەزمىنى تەشكىللەش كۆلىمى، توردا كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلار ئۇنىۋېرسال سېلىشتۇرۇلۇپ، ئەڭ ياخشى سودا ئۆمىكى، مۇنەۋۋەر سودا ئۆمىكىدىن ئىبارەت ئىككى مۇكاپات تۈرى باھالاپ چىقىلدى؛ كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئورۇنلار تۈرىدە يەككە كۆرگەزمە سۇپىسىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى، ئامما توردا بېلەت تاشلاش ۋە يېشىل كۆرگەزمە سۇپىسىنى باھالاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كارخانا، ئەڭ قارشى ئېلىنغان توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كارخانىسى، ئەڭ قارشى ئېلىنغان يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى كارخانىسى، ئەڭ قارشى ئېلىنغان ئالدىن تەييارلانغان قورۇما كارخانىسى، ئەڭ قارشى ئېلىنغان «كونا» داڭلىق ماركىدىن ئىبارەت بەش مۇكاپات تۈرى باھالاپ چىقىلدى؛ مۇلازىمەت ئورۇنلىرى تۈرىدە ئالاھىدە قۇراشتۇرۇلغان ئورۇن كۆرگەزمە سۇپىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ مۇھىت قوغداشچانلىقى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق، كۆرگەزمە سۇپىسى لايىھەسى ئالاھىدە ئىجادىيەت مۇكاپاتى ۋە يېشىل مۇھىت قوغداش مۇكاپاتىدىن ئىبارەت ئىككى مۇكاپات تۈرى باھالاپ چىقىلدى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار «2023 ـ يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كارخانا» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شىنجاڭ بەيچېڭ يېڭى يېمەكلىك (گۇرۇھى) تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار «2023 ـ يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە ئەڭ قارشى ئېلىنغان ئالدىن تەييارلانغان قورۇما كارخانىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  «2023 ـ يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئەڭ ياخشى سودا ئۆمىكى» مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشكەن توردىكى پاكىستان دۆلەت سارىيىنىڭ ۋەكىلى لو شياڭدۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ، پاكىستاندىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئۈچ توننا ماڭگونىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولدى، كۆرگەزمىنى كۆرگەن ئامما ئۇنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى، خۇش پۇراق دەرىجىسىگە ناھايىتى ياخشى باھا بەردى، بىز جىڭدۇڭ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا ئون نەچچە <دۆلەت سارىيى> ئاچتۇق، كېيىنكى قەدەمدە ماڭگو پىشىش پەسلىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك گۇرۇھى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ھەمدە توردا ئالقىشلانغان ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكىنى قاتارلىقلار ئارقىلىق، پاكىستاننىڭ ماڭگوسى ۋە ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرىنى شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندۈرىمىز».

  بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ خەلقئارالاشقان، كەسىپلەشكەن، ماركىلاشقان، بازارلاشقان كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش، يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، كۆرگەزمىنىڭ تاشما ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ