يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى 69 جايدىكى كاپالەتلىك ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرزان، قولاي ئۆي مەنبەسى 31، ئاممىۋى ئىجارە ئۆي مەنبەسى 38. ئارقىدىنلا ئانار بۇلۇت 12345 سىياسەت سوراش سۇپىسىدا تورداشلار ئەرزان، قولاي ئۆي ئىلتىماس قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سۈرۈشتۈردى.
7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تورداش جاڭ خانىم ئارقا-ئارقىدىن بەش سوئال قالدۇردى، مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىكى ھەربىر رايونغا ئىلتىماس قىلغان ئەرزان، قولاي ئۆيلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆلچىمى بارمۇ-يوق؟ ياشقا قارىتا تەلەپ بارمۇ؟ نوپۇسقا قارىتا تەلەپ بارمۇ؟ ئىگىلىنىشىچە، جاڭ خانىم بىڭتۈەن شىخەنزە شەھىرىنىڭ نوپۇسى بولۇپ، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان، بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن، ھازىر بويتاق، كۇنمىڭ يولى مەھەللە كومىتېتى تەۋەلىكىدە بىر يۈرۈش ئەرزان، قولاي ئۆي ئىلتىماس قىلىپ خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا قولايلىق يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
قالدۇرۇلغان سۆزنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر كوچىسى كۇنمىڭ يولى مەھەللىسى تېزلا جاۋاب قايتۇردى. 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالەت مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ، جاڭ خانىم ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى سىياسەت جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈردى.
مەركەزنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ چىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى رايون (ناھىيە) لەردە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەرزان، قولاي ئۆي ئىلتىماس قىلىش ئۆلچىمى بىردەك بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يېشى 30 ياشقا توشقان ھەم توي قىلمىغان بولۇشى كېرەك؛ نوپۇس تەلىپىگە قارىتا، ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئورتاق ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم شۇ شەھەرنىڭ شەھەر-بازارلىرىدا دائىملىق ئولتۇرۇشلۇق بولۇشى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەمنىڭ نوپۇسقا ئېلىنغان ۋاقتى بىر يىلدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
ئارقىدىن مۇخبىر يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى جاڭ خانىمغا ئىنكاس قىلدى، ئۇ ھازىرقى باسقۇچتا ئىلتىماس قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئاندىن قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جاڭ خانىم قالدۇرغان سۆزىدىكى باشقا ئىككى مەسىلە، يەنى كىرىم تەلىپى كونكرېت ھالدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدىن تۇتۇپ قېلىنغان ئەمەلىي مائاش ياكى تارقىتىشقا تېگىشلىك مائاش، شۇنداقلا كۆچمە نوپۇسلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش شەرتىگىمۇ جاۋاب بەردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئائىلە كىرىمىنى بېكىتىش ئائىلە كىرىمىدىن تاپاۋەت بېجى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت چىقىمىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى مائاش كىرىمى، تىجارەت ساپ كىرىمى ۋە باشقا دائىملىق كىرىملەرنىڭ ئىلتىماس قىلغان شۇ ئاينىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا ئەمەلىي كۆرۈلگەن كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە سانىنى كۆرسىتىدىكەن، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان ئۆلچەم ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىشى بېشى ئايلىق كىرىمى 3565 يۈەندىن تۆۋەن بولۇش؛ كۆچمە نوپۇسلارغا قارىتا نۆۋەتتىكى بېكىتىش ئاساسىدا قاتتىق تەلەپ قويۇلمىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچى مەھەللىنىڭ كونكرېت ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتسە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەرزان، قولاي ئۆي ئىلتىماس قىلغان شەھەرلەردىكى تۆۋەن كىرىملىك، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر يەنە مەزكۇر شەھەردە ئۆيى بولماسلىق ياكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ قۇرۇلۇش كۆلىمى 13 كىۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىك شەرتىنى قاندۇرۇشى كېرەك؛ ئۆيلىنىش ئەھۋالى ئاجرىشىپ كەتكەن ئاھالىلەر ئۆيلىنىشتىن ئاجراشقان ۋاقتى بىر يىلدىن ئاشقان بولۇش شەرتىنى قاندۇرۇشى كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچى كىملىك، نوپۇس دەپتىرى، ئۆيلىنىش ئەھۋالى ئىسپاتى، خىزمەت كىرىمى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئىسپاتى، تۇرالغۇ ئەھۋالى ئىسپاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئېلىپ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ياكى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللىگە بېرىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كونكرېت ئىلتىماس قىلىش شەرتى ۋە بېجىرىش تەرتىپىنىمۇ «شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تورى»غا كىرىپ تەكشۈرسە ياكى مەھەللىلەردىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى