قۇمتاغ قۇملۇقى شىنجاڭ پىچان كونا شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، كۆلىمى 2500 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شەھەرگە يېقىن، شەھەر بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، بوستانلىق بىلەن سېرىق قۇم بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ، قۇملۇق مەنزىرىسى بىلەن دەريانىڭ جەنۇبىدىكى گۈزەل مەنزىرە گىرەلىشىپ، «قۇم ئىلگىرىلىمەيدىغان، يېشىللىق چېكىنمەيدىغان، مەنزىرە ئۆزگەرمەيدىغان، ئادەم كۆچمەيدىغان» ئاجايىپ مەنزىرە ھاسىل بولغان.
قۇياش نۇرىدىكى ئالتۇن رەڭلىك قۇملۇق ھەيۋەتلىك، مەنزىرىسى چەكسىز، بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن قۇم بارخانلىرى خۇددى سىلىق تاۋار-دۇردۇنغا ئوخشاش ئىزنالىرى، قاتلاملىرى ئېنىق بولۇپ، قۇملۇقتا تۇرۇپ قۇملۇقنىڭ كۈن چىقىشىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ، كەچكى شەپەقنىڭ قۇمدىكى رەڭدارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
بۇ يىلدىن بۇيان قۇمتاغ قۇملۇقى مەنزىرە رايونى ئەسلىدىكى ئاساستا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، مەنزىرە رايونىدىكى ئانا-بالىلار ئۆيى، شىپاخانا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەلالاشتۇردى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنى ئاپتوموبىل توختىتىش مۇلازىمىتى، رايونلار ئارا ئالمىشىش، كۈنلۈك، چاقلىق ئورۇندۇق، بوۋاقلار ھارۋىسى، ئارام ئېلىش ۋە مال سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.
چۇڭچىڭلىق ساياھەتچى چېن دېفېڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ بەك گۈزەل ئىكەن، كېلەر يىلى يەنە بىر قېتىم كېلىشكە تىرىشىمەن، قۇملۇق ۋە تيانشاننى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ، ئىنتايىن گۈزەل ھېس قىلدىم، بۇ يەرنى تولىمۇ ياخشى كۆردۈم. مەن يەنە جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا بىر قېتىم ئوينىماقچى بولۇۋاتىمەن».
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ