«بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، گۈزەل شىنجاڭدا جەم بولايلى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە شىنجاڭ خەلق سارىيىدا باشلاندى.
7-ئاينىڭ 20-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
چىراغلار چاقناپ، ناخشا ساداسى ياڭرىدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك سەنئەتكارلار ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تاماشىبىنلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇسسۇل زىياپىتىگە قاتناشتى.
سائەت 20 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى «ئۇسسۇل ئوينايلى» ناملىق شادىيانە ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى.
سەنئەتكارلار لەرزان ئۇسسۇل ئويناپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ رەڭدار كارتىنىلىرىنى ئاستا-ئاستا ئاچتى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ئالتە ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى نادىر نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. شەرق - غەرب مەدەنىيىتى، جۇڭگو-چەت ئەل سەنئىتى گىرەلىشىپ، سەنئەتكارلار گۈزەل ئۇسسۇل قىياپىتى ۋە كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى بىلەن نەق مەيداننى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇردى.
7-ئاينىڭ 20-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى «ئۇسسۇل ئارزۇسى، ئىناق يىپەك يولى»نى باش تېما قىلغان بولۇپ،8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ،17 كۈن داۋاملىشىدۇ. ئۇسسۇل بايرىمىدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 28 ئېسىل نومۇر، چەت ئەلنىڭ11 نومۇرى، دۆلەت ئىچىنىڭ (شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 17 نومۇرى ئورۇنلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ 4 نومۇرى ئورۇنلىنىدۇ. بۇ بالېت تىياتىرى، ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر، ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇسسۇل بايرىمىدا يەنە «رەڭدار يىپەك يولى، ئىناق ھەمكارلىشىپ ئورتاق ياشاش» تېمىسىدىكى مودا كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ «يىپەك يولى» كوچا ئۇسسۇلى كۆرىكى، شىنجاڭ ئۇسسۇل ئىجادىيىتى ئالماشتۇرۇش يىغىنى، «بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينايلى» مەيدان ئۇسسۇلى كۆرىكى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى