مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ جېمىنەي پورتىدا چىگرادىن كىرىپ-چىقىش، يولۇچى توشۇش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

2023.07.18 15:07 مەنبە: خەلق تورى

  قازاقىستاندىن كەلگەن چېگرا تەكشۈرۈشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئاپتوبۇس. لى سېن فوتوسى


  7-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ جېمىنەي پورتىدا چىگرادىن كىرىپ-چىقىش، يولۇچى توشۇش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، 140دىن ئارتۇق يولۇچى چېگرادىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.


  ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسى چاغانغول يېزىسىدىكى چارۋىچى قۇلىياز قادىرخان شۇ كۈنى چېگرادىن كىرگەن تۇنجى يولۇچى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن 7-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ قورغاس پورتىدىن چېگرادىن چىققان، جېمىنەي پورتىدا يولۇچىلار ئۆتۈشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ دەرھال كەلدىم، بەك خۇش بولدۇم، بۇ يەردىن ئۆيگە قايتسام تېخىمۇ يېقىن بولىدۇ».


  جېمىنەي چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مېڭ يۈەن مۇنداق دېدى: «بۇ پونكىت سىياسەتنى تەڭشەشكە يېقىندىن ئەگىشىپ، يولۇچىلار ئېقىمى ۋە دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللارغا ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، چېگرادىن كىرىش-چىقىش تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، پورتنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەت چېگرا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، كىرىم قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى».


  ساياھەتچىلەر تەرتىپلىك ھالدا تاموژنا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمەكتە. لى سېن فوتوسى


  جېمىنەي چېگرا ئېغىزى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نۇرمۇھەممەت بۇرالى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇنجى تۈركۈمدىكى چېگرادىن چىققان يولۇچىلار چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش ۋە تۇغقان يوقلاشنى ئاساس قىلىدۇ. نۆۋەتتە، بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەخسىي ئىش، سودا پائالىيىتى ۋە ساياھەت قاتارلىق ئىشلار سەۋەبىدىن قازاقىستانغا بارىدىغان جۇڭگو پۇقرالىرى ۋىزا بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ ھەمدە توختاش ۋاقتى 14 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.


  بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قورغاس، ئالاتاۋ، ئەركەشتام، تايكېشكېن، تورغات قاتارلىق پورتلىرىدا يولۇچىلار تىرانسپورتى ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتۈش كەينى-كەينىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭ سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزىدىن 20 سى بار بولۇپ، 17 قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى، ئۈچ ئاۋىياتسىيە چېگرا ئېغىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ