شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتۋىيېنكو بىلەن كۆرۈشتى

2023.07.11 23:45 مەنبە: خەلق تورى

  7-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتۋىيېنكو بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتۋىيېنكو بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك ئىجتىمائىي ئاساسى ۋە ئەل رايى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. بۇ يىل 3-ئايدا، مەن رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. جۇڭگو داۋاملىق رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكار ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىپ، گۈللەنگەن، مۇقىم، ئادىل، ھەققانىي دۇنيا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، زۇڭتۇڭ پۇتىن ئىككىمىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى قانۇن چىقىرىش قاتلىمىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ مېخانىزمى ئىچىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

  ماتۋىيېنكو مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى ھەمدە داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلماقتا. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 3-ئايدا رۇسىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. رۇسىيە پارلامېنتى رۇسىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كەڭ قوللايدۇ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە سۆزلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ. ۋاڭ يى، ۋاڭ دۇڭمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ