شى جىنپىڭ دۇنيا ئورتاق بەھرلىنىش تەرەققىيات ھەرىكىتى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.07.11 23:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى دۇنيا ئورتاق بەھرلىنىش تەرەققىيات ھەرىكىتى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قىيىن بولۇۋاتىدۇ، دۇنيا تەرەققىيات قارالمىسى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشكە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، مەن دۇنيا تەرەققىياتى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈمكى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى ئارقىسىدا، دۇنيا تەرەققىياتى تەشەببۇسى ھەمكارلىقىدا دەسلەپكى مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى. ئورتاق بەھرلىنىش تەرەققىي قىلغان گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن-ئاخىر ئۆز تەرەققىياتىنى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ كوردىنات سىستېمىسىغا قويۇپ، ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيا تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگو دۇنيا تەرەققىياتى ھەمكارلىقىغا بولغان بايلىق سېلىنمىسىنى يەنىمۇ زورايتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە دۇنيا تەرەققىياتى تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  دۇنيا ئورتاق بەھرلىنىش تەرەققىيات ھەرىكىتى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى دۆلەتلىك خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، «جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى، دۇنيانىڭ ھەرىكىتى» باش تېما قىلىندى، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ