6-ئاينىڭ 4-كۈنى، «جەلپكار قاراماي» 2023-يىللىق مەملىكەتلىك ئوقيا ئېتىش ئولىمپىك تۈرى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى قاراماي شەھىرى داشۆ شەھەر رايونىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. (جوۋ شئەن فوتوسى)
6-ئاينىڭ 4-كۈنى، «جەلپكار قاراماي» 2023ـ يىللىق مەملىكەتلىك ئوقيا ئېتىش ئولىمپىك تۈرى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى شىنجاڭ قاراماي شەھىرىدە باشلاندى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا شىنجاڭ قاراماي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئەخمەت بارات مۇنداق دېدى: «مەملىكەتلىك ئوقيا ئېتىش ئولىمپىك تۈرى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن ماھىرلارنى تاللاش، مەشىق قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ قارامايدا ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىق، شۇنداقلا قاراماينى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىك. بىز بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە، ماھارەت تەنتەربىيەسى، تەنتەربىيە كەسپى، تەنتەربىيە مەدەنىيىتىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز».
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە مەملىكەت بويىچە 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ ۋەكىللەر كوماندىسى قاتناشتى. (جوۋ شۈەن فوتوسى)
دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قارىغا ئېتىش، ئوقيا ئېتىش تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېڭ لىشۈن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، شىنجاڭنىڭ ئوقيا ئېتىش تۈرى ئىزچىل بىر ئەۋزەل ئەنەنىۋى تۈر بولۇپ كەلدى، تارىختىكى نۇرغۇن مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرمۇ دۆلەت ئۈچۈن نۇرغۇن شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى، شۆ خەيفېڭغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىمىز بۇ قېتىممۇ تىرېنېر سۈپىتىدە يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پۇرسىتى بىلەن شىنجاڭدا تېخىمۇ كۆپ ئوقيا ئېتىش ھەۋەسكارلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە مەملىكەت بويىچە 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ ۋەكىللەر كوماندىسى قاتناشقان بولۇپ، تەنھەرىكەتچىلەر جەمىي 289 نەپەر، تىرېنېر ۋە خىزمەتچى خادىملاردىن قوشقاندا 400دىن ئارتۇق كىشى بار ئىكەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە يەككىلەر بويىچە شاللاش مۇسابىقىسىدە ئەر، ئايال بويىچە ئالدىنقى تۆت ماھىر دۆلەت 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ