مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەر قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ داۋالاش ياردىمىنى قانات يايدۇردى

2023.06.07 15:14 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەر «1-نۆۋەتلىك ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشان سەپىرى»نى پۇرسەت بىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ داۋالاش ياردىمى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.


  قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، كېسەلخانىغا كىرىپ ئېغىر كېسەللەرنى مۇزاكىرە قىلدى. شۇ جايدىكى 75 ياشلىق بىر بوۋايغا مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە كېسەللىك تارىخىنى سوراش، بەدەن تەكشۈرۈش، نېرۋا تەسۋىرى قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەر بويىچە كوللېكتىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، دەسلەپكى قەدەمدە تەرەققىي قىلىشچان يادرو ئۈستى مەنبەلىك كۆز مۇسكۇلى پالەچلىنىش دەپ دىياگنوز قويۇپ، داۋالاش لايىھەسىنى تەڭشىدى.


  دېڭىز يۈزىدىن 3700 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا بېشى قايىدىغان بىر بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى سوراپ، بەدىنىنى تەكشۈرۈپ، باش قىسمى CT نەتىجىسىنى كۆردى. مۇتەخەسسىسلەر سۇسىزلاندۇرۇپ باشنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە دىققەت قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى قاتتىق كۆزىتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا باش قىسمىنى ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.


  شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا نۇقتىلىق پەنلەرنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە بىرلەشتۈرۈپ،«كىچىك ئۆمەك تەشكىللەش» ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان داۋالاش قوشۇنى بەرپا قىلىپ، داۋالاش ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى داۋالاش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان رايونلار بىلەن بولغان پەرقنى كىچىكلىتىپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىنى چەت-ياقا ئاساسىي قاتلام رايونلىرىغا يەتكۈزىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ