مۇھىم خەۋەرلەر

5- ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ـ قاناس ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلدى

2023.05.18 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  «شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىش» قىزغىنلىقىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى - قاناس ساياھەت لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جايلاردىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى پىلانلىدى.

  بۇ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئۈرۈمچى - قاناس قوش يۆلىنىشتىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان CZ6613/4 نومۇرلۇق بولۇپ، بوئىن B737-700 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، بېرىپ - كېلىشتە 250دىن ئارتۇق ئورۇن تەمىنلىنىدۇ. بېرىشتا CZ6613 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان 08:05 تە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، 09:30 دا قاناسقا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىشتا CZ6614 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان 10:15 تە قاناستىن ئۇچۇپ، 11:30 دا ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ.

  ھازىر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قاناستىن شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئالمىشىپ بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، شىئەن، جېڭجوۋ قاتارلىق ئاۋات شەھەرلەرگە بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يولغا قويدى. كېيىن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يەنە يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۈرۈمچى - قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە قوش يۆنىلىشتە ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  5 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن مەنزىرە نۇقتىلىرى بەس - بەستە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى «شىنجاڭنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش» مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتىدۇ، يولۇچىلار كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە ئومۇمىي قېتىم سانىغا چەك قويماي، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەمەلىي توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ ئىچىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئادەتتىكى بۆلۈمچىسىنىڭ بېلىتىگە ئالماشتۇرسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەمەلىي توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان چېگرا ئىچىدىكى شىنجاڭغا كېلىپ-كېتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئېتىبار ئۈستىگە %95 لىك ئېتىبار باھادا بېلەت سېتىۋېلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ