شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ)دە ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2023.05.16 23:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ)دە ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، دوستلۇقى چوڭقۇر، تەقدىرداش. 2013 - يىلى، مەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتتە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىرادىلىك، ئىستىقباللىق ياشلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق. سىلەر جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ گۇۋاھچىلىرى، مەنپەئەتلەنگۈچىلىرى، تېخىمۇ مۇھىمى قۇرغۇچىلىرى ۋە تارقاتقۇچىلىرى. سىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو ھېكايىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ياخشى دوستلۇق ئەلچىسى ۋە ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بولۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يېقىندا، جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ)دە ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگودىكى ئوقۇش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ