لى چياڭ ئېرىتىرىيە زۇڭتۇڭى ئىساياس بىلەن كۆرۈشتى

2023.05.16 23:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئېرىتىرىيە زۇڭتۇڭى ئىساياس بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ كۆرۈشۈشتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئېرىتىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەملىنىپ، ھەمكارلىقى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. بۇلتۇر، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن جۇڭگو-ئېرىتىرىيە مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا يېڭى، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگو ئېرىتىرىيە بىلەن جۇڭگو-ئېرىتىرىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىپ تەرەققىي قىلىشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر جىپسىلاشتۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە سانائەت رايونى قۇرۇلۇشى، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۇل ئەسلىھە، دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىقى، سۇ بايلىقى، ئېنېرگىيە-كان ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، كۆك ئىقتىساد قاتارلىق ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ئېرىتىرىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا يەنىمۇ زىچ ماسلىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ «توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇشى» ۋە «ئافرىقا تۇمشۇقىنىڭ تىنچ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، زومىگەرلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، جۇڭگو-ئېرىتىرىيە ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشى، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك.

  ئىساياس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېرىتىرىيە جۇڭگونىڭ ئېرىتىرىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تەرەققىياتىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىش يېڭى يولىنى ئېچىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. ئېرىتىرىيە جۇڭگو بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئېرىتىرىيە-جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، ئافرىقا-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، زومىگەرلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل، باراۋەر خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  چىن گاڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ