شى جىنپىڭ ئېرىترېيە زۇڭتۇڭى ئىساياس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2023.05.16 13:57 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئېرىترېيە زۇڭتۇڭى ئىساياس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئېرىترېيە زۇڭتۇڭى ئىساياس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئېرىترېيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ. 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئېرىترېيە باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ كەلدى، ئۆزئارا قوللاپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن جۇڭگو - ئېرىترېيە مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئېرىترېيە تەرەپنىڭ ئىشەنچلىك دوستى. ھازىرقى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىققا تولغان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - ئېرىترېيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە رايون تىنچلىقى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ ئېرىترېيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دوست ھەم يولداشلىق يېقىن دوستانە مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئېرىترېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئېرىترېيە تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئېرىترېيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئېرىترېيە تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، سىرتنىڭ ئېرىترېيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا، مەجبۇرىي يەككە تەرەپلىمە جازا يۈرگۈزۈشىگە قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئېرىترېيە تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، يەككە تەرەپچىللىك ۋە زومىگەرلىك قىلمىشلىرىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئېرىترېيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى، «ئافرىقا تۇمشۇقى تىنچ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى» قاتارلىق رامكا ۋە سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ ئېرىترېيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئېرىترېيە تەرەپ بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تېلېگراف، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېرىترېيەگە ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئەترىتى، ئالىي يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىق تۈرلەرنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇشنى خالايدۇ. ئېرىترېيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ يېقىندا سۇداندىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، بۇ، جۇڭگو - ئېرىترېيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە خەلق ھېسسىياتىنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەزىيەتنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ئاساسىي رېڭى ۋە ئاساسىي لىنىيەسى بولۇپ كەلدى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقى جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئافرىقا زور ئۈمىدگە تولغان مۇنبەت تۇپراق. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئافرىقا تەرەپنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئىساياس ئۆزىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئالاھىدە رىشتىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ مۇنداق بىلدۈردى: ئېرىترېيە خەلقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېرىترېيەنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىققا ئېرىشىشىنى قىممەتلىك مەنىۋى ۋە ماددىي مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاساسى ئاجىز بولۇشتىن قەد كۆتۈرۈپ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئەخلاق ۋە ھەققانىيلىق يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ، دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارادا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياقلاپ، مۇستەقىللىق ۋە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئىلھام بەرمەكتە. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان، باسىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ. ھازىر خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، ئافرىقا دۆلەتلىرى يەنىلا زومىگەرلىك ۋە تۈرلۈك باراۋەر بولمىغان، ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە دۇچ كەلمەكتە، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئېرىترېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئېرىترېيە - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئېرىترېيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا ئىساياس ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ئىساياس يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - ئېرىترېيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ئىساياس شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ئىساياس ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ