مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭنىڭ قايسى ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى بەكرەك قارشى ئېلىندى؟

شىنجاڭنىڭ 1 - ئايدىن 4 – ئايغىچە بولغان تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتى كەلدى

2023.05.18 14:23 مەنبە: خەلق تورى

  ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1- ئايدىن 4-ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 94 مىليارد 950 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، 2022-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 82.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 80 مىليارد 640 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %90.1 ئاشقان؛ ئىمپورت سوممىسى 14 مىليارد 310 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %49.9 ئاشقان. 4- ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتى 26 مىليارد 880 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 89% ئاشقان. ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قارىتىلغان ئېكسپورت ئۇدا ئۈچ ئاي مۇسبەت ئاشتى. شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قىلغان ئېكسپورتى 2-، 3-، 4-ئايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %4.9، %11.4، %14.4 ئاشقان. 4-ئايدىكى ئېكسپورت سوممىسى 31 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %107.3 ئاشقان.

  ئىككىنچى، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ يەككە سودا شېرىك دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 160 تىن 165 كە كۆپەيدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى 75 مىليارد 110 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %92.2 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %43.4 ئىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان يەنىلا شىنجاڭنىڭ ئۈچ چوڭ سودا ھەمراھى بولدى.

  ئۈچىنچى، ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم-كېچەك ئېكسپورتى %70نى ئىگىلىدى، «يېڭى ئۈچ خىل» ئېكسپورت يۇقىرى گۈللىنىش ھالىتىنى ساقلىدى. 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە ئېكسپورت قىلغان ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، كىيىم -كېچەك ۋە كىيىم - كېچەك قوشۇمچە بۇيۇملىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %76.5 ، %66.7 ئېشىپ، ئىككىسىنى قوشقاندا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 64.3 ىنى ئىگىلىدى. ئوخشاش مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قىلغان «يېڭى ئۈچ خىل» ئېكسپورتى %495.7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، توكلۇق ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە، لىتىيلىق باتارېيە ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا % 645.9 ،%217.4، %66 بولدى.

  تۆتىنچى، تاشيول تىرانسپورتى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. 1- ئايدىن 4-ئايغىچە، شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ تاشيول تىرانسپورت شەكلى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قىلغان ئېكسپورتى %139.6 ئېشىپ،%70.7نى ئىگىلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ