مۇھىم خەۋەرلەر

8-نۆۋەتلىك بىڭتۇەن پارتكومى 2-نۆۋەتلىك كۆزىتىشتە كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلارغا ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلاشتى

2023.05.12 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بەش كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرى، 12-شى، 102-تۈەن، شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى، سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى، تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى، بىڭتۈەن پارتكومى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، بىڭتۈەن تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كوپېراتىپى، بىڭتۈەن قۇرۇلۇش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ۋۇجياچۈ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، ئارال ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، قەشقەر ئىقتىساد-تەرەققىيات رايونى بىڭتۈەن شۆبە رايونىدىكى 12 ئورۇننى دائىملىق كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 101-تۈەن، بىڭتۈەن پارتكومى سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، بىڭتۈەن تەمىنات-سودا مەبلەغ سېلىش (پاي تىزگىنىلىنىدىغان) چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 14 ئورۇنغا داۋاملىق ئورۇنلىشىدۇ.

  كۆزىتىش مەزگىلىدە، بەش كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلىدىغان ئورۇندا ئىككى ئاي ئەتراپىدا خىزمەت قىلىدۇ، بۇ مەزگىلدە مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقى ۋە ئەرزىيەت خەت ساندۇقى تەسىس قىلىدۇ، ئاساسلىقى كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئىنكاس قىلىنغان خەت-چەك، تېلېفون ۋە ئەرزلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاساسلىقى سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پاش قىلىش ۋە ئىنكاس قىلىش مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. ئەرز قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2023-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ