مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بەش نەپەر شىنجاڭلىق توپچى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللاندى!

2023.03.21 22:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەمدىلا ئاياغلاشقان U20 ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭلىق توپچىلار ئۆزلىرىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

  ئەفرىدىن ئەسقەر، مۇتەللىپ ئىمىن، بەھرام ئابدۇۋەلى قاتارلىق ئۈچ نەپەر توپچى كىرودىيەدە مەشىق قىلىۋاتقان دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق توپچىلارنىڭ سانى بەش نەپەرگە يېتىپ، تارىختا ئەڭ كۆپ بولدى.

  3-ئاينىڭ بېشىدا جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ مەشىق تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. ئابدۇرۇسۇل ئابدۇللا، ئابلاخان خالىق تىزىملىككە تاللىنىپ كىردى. ئەفرىدىن ئەسقەر بىلەن بەھرام ئابدۇۋەلى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا تاللاندى. بۇ قېتىمقى U20 ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، ئەفرىدىن ئەسقەر بىلەن بەھرام ئابدۇۋەلىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى.

  دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىش تىزىملىكىدە، يەنە مۇتەللىپ ئىمىنمۇ بىللە تاللاندى، بۇ قېتىم دۆلەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكىگە تاللانغان توپچىلار جەمئىي يەتتە نەپەر بولۇپ، شىنجاڭ ماھىرلىرى يېرىمغا يېقىن بولدى. دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇلار رەسمىي ھالدا 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ۋە U23 ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىگە ئاتلىنىدۇ.

  2009-يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا شىنجاڭلىق پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى. 2022-يىلى جۇڭگو U-23 دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىدىكى 22 ئادەمنىڭ تىزىملىكىدە ئابدۇرۇسۇل ئابدۇللا، دىلھىمىت تۇردى، ئېلىجان شىنار قاتارلىق شىنجاڭدىن كەلگەن ئۈچ ماھىر بار. بۇ يىل ئادەم سانى داۋاملىق كۆپەيدى.

  ئەفرىدىن ئەسقەر U20 دۆلەت كوماندىسىنىڭ باشلىقى، بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن، شىنجاڭ قەشقەردىن كەلگەن بۇ يىگىت دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «مەن U20 دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىشتىن بۇرۇن ئىزچىل چېڭ ياۋدۇڭ باشچىلىقىدىكى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا توپ تەپكەن ئىدىم، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا توپ تەپكىلى ئۈچ يىلدىن تۆت يىلغىچە بولدى، كۆپچىلىكنىڭ مېنى ئېتراپ قىلغىنىغا كۆپ رەھمەت، مەنمۇ كوماندا بىلەن ئىنتايىن تونۇش، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  مۇتەللىپ ئىمىن بۇ يىل 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئوخشاشلا قەشقەردە تۇغۇلغان. 19 ياشلىق بەھرام ئابدۇۋەلى غۇلجىدا تۇغۇلغان.

  ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۆت مەيدان مۇسابىقىسىدە، U20 ماھىرلىرى ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاز ئۇچرايدىغان ياخشى نەتىجىسىنى يارىتىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى. شىنجاڭ ماھىرلىرى ھالقىلىق رول ئوينىدى، كوماندىدىكى شىنجاڭدىن كەلگەن يەتتە ئوغۇل بالا قالتىس ئىپادىسى بىلەن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېقىن كەلگۈسىدە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ كىشى دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە فورمىسىنى كىيىپ، ۋەتەن ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ