يېقىندا، شىنجاڭدا زەھەر چەكلەش كەسپىگە دائىر يېڭى تەشۋىقات فىلىمى چىقىرىلدى. سىن كۆرۈنۈشىدە، تەشۋىقات ئوبراز ۋەكىلى «قارا نىيەت زەھەر ئەتكەسچىسى» قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ زەھەر تارقىتىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئاشكارىلاپ، «ئەتكەن چاي» نىقابى كەيدۈرۈلگەن زەھەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلىدى.
سىن كۆرۈنۈشىدىكى بۇ «قارا نىيەت زەھەر ئەتكەسچىسى» مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى زەھەر پەقەت ئەتكەن چاينىڭ نىقابى كەيدۈرۈلگەن Kتالقىنى، باش گىلدىڭلىتىش كومىلىچى، كرىستال زەھەر قاتارلىق تەركىبلەر قوشۇلغان زەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ خۇمار قىلىشچانلىقى ۋە زەھىرى كۈچلۈك. دەملىگەندىن كېيىن قويۇق خۇش پۇراق چىقىرىپ، سۇغا يولۇقسىلا ئېرىيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەنگە مەڭگۈلۈك زىيان يەتكۈزىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،يۈرەك، بۆرەك، چوڭ مېڭە قاتارلىق ئەزالارنى زەخىملەندۈرىدۇ، ھەتتا ئادەم ئۆلۈشكە سەۋەبچى بولىدۇ.
تورداشلار ھەر قېتىم بۇ فىلىمنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭدىكى بۇ ئادەمنى تەكشۈرۈپ باقسا بولغۇدەك دېيىشىتى. يەنە نۇرغۇن تورداشلار بولسا ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە» نى ئېنىق تونۇپ، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، زەھەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن يىراق تۇرايلى!
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ