8ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇم مۇداپىئە ـ تىزگىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر چېن جېڭفا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالىنى خەۋەرلەندۈردى.
يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، دۆلەت بىرلەشمە مۇداپىئە- بىرلەشمە تىزگىن مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، تۈرلۈك مۇداپىئە-تىزگىن تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.
خېسۈەن تەكشۈرۈش نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلدى. «خېسۈەن تەكشۈرۈشنى ئاساس، ئانتىگېن تەكشۈرۈشنى قوشۇمچە قىلىش»تىن ئىبارەت تەكشۈرۈش تاكتىكىسىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غۇلجا شەھىرىگە 1 مىليون 293 مىڭ 600 ئانتىگېن رېئاگنېتى تەقسىملەپ بېرىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە «تۆمۈر يول، تاشيول، ئايرودۇرۇم» خادىملىرىنىڭ ئىشلىتىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 200 نەپەر تېببىي خادىمغا ئانتىگېندىن ئەۋرىشكە ئېلىش مەشغۇلاتى ۋە شەخسىي قوغدىنىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ