مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەتئىي تۈردە ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش، قەتئىي تۈردە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك

2021.04.14 13:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  چېن چۈەنگو پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى سىن يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

  قەتئىي تۈردە ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش، قەتئىي تۈردە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك

  شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى ۋاڭ جۈنجېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

  4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىپ، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ چۇرگۇل بازىرى فېڭيۈەن كۆمۈر كېنىدىكى سۇ چىقىپ كېتىش ۋەقەسى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ياڭ چېڭ، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىندا ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: فېڭيۈەن كۆمۈر كېنىدا سۇ چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تېزدىن قوزغىتىپ، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، داۋاملىق مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىلمىي قۇتقۇزۇپ، خادىملارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: فېڭيۈەن كۆمۈر كېنىدىكى سۇ چىقىپ كېتىش ۋەقەسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاگاھ سىگنالىنى يەنە بىر قېتىم ياڭراتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەقەدىن بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تۈردە ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسى يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ساۋاقلارنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە يوشۇرۇن خەۋپنى تور يېيىش شەكلىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاجىز ھالقىلار ۋە خەتەرلىك ئامىللارغا چىڭ قادىلىپ، «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى قەتئىي ئىتىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسىنىڭ يۈزبېرىشىنى توسۇش كېرەك. مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، كۆمۈر كان، كۆمۈر كاندىن باشقا كانلار، نېفىت، نېفىت خىمىيە، مېتال تاۋلاش، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەر، نۇقتىلىق ساھەلەرگە باشتىن - ئاخىر بوشاشماي چىڭ قادىلىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھەرىكەت ھالىتىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، خادىملار زىچ توپلىشىدىغان مەيدان - سورۇنلار ۋە تۈرلۈك سۇ ئامبارلىرى، گېئولوگىيەلىك ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپى نۇقتىلىرى، يول - كۆۋرۈكلەر، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان نەق مەيدان قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئورۇنلار ھەمدە شەھەرلەرنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشى ۋە يېزا يولى بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارغا چىڭ قادىلىپ، بىخەتەرلىك بويىچە تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى قەتئىي ئېتىش كېرەك. بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئالدىنى ئېلىشنى سىستېمىلىق ياخشى تۇتۇپ، ھالقىمۇھالقا تۇتۇپ، بىخەتەرلىك بويىچە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە - تۈزۈملىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتتىق ئۆلچەم ۋە تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى خەۋپلىك كەسىپلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەرلىك ئىجازىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئېغىر، زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش كېرەك؛ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىي جەڭ شەكلىدىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە كەسىپلەشكەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى، بەنزە ئەزالىرىنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە، تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە بولغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسىنىڭ يۈزبېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى، مەسئۇلىيىتىنى ئىنتىزام، قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ناھىيە، يېزا ۋە تۇەن - مەيدان، ليەندۈيلەرگىچە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ