مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ يىغىندا بۇ تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلەتتى

2021.04.09 18:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭ 7-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە داۋالىنىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئورتاق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىشقا كىرگۈزۈپ، بىمارلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش كېرەك.»

  شۇ كۈنى يىغىندا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئامبۇلاتورىيەدىكى ئورتاق قۇتقۇزۇش كاپالەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش تەدبىرى بېكىتىلىپ، شەخسىي ئىسچوت مەبلىغىنى ئىشلىتىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتىدا دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، 1 مىلياردتىن ئارتۇق كىشىگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تورى بەرپا قىلىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى ۋە كەڭ دائىرىدە قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇشنى يېنىكلىتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى، نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە نۇرغۇن ئاغرىققا چېتىلىدىغان يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت قاتارلىق ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك، ئالاھىدە كېسەللىكلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىشقا كىرگۈزۈلدى.

  «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىپ تەمىنلەش − جۇڭگونىڭ بىر ئىجادىيىتى.» زۇڭلى مۇنداق دېدى: «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئامبۇلاتورىيەدىكى ئورتاق قۇتقۇزۇش كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كېسىش ئېغىزى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ تەجرىبە توپلاپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاساسىي كاپالەت رولىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.»

  شۇ كۈنى يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، ساغلاملىققا بولغان زىيىنى چوڭ، خىراجەت يۈكى ئېغىر بولغان ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان قىسمەن سوزۇلما كېسەللىكلەر، ئالاھىدە كېسەللىكلەر ۋە كۆپ قوزغىلىدىغان، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتى بىر تۇتاش غەملەش فوندىغا كىرگۈزۈلۈپ چىقىم قىلىنىدۇ. سىياسەت دائىرىسىدە چىقىم قىلىش نىسبىتى %50 تىن باشلىنىپ، پېنسىيەگە چىققانلارغا مۇۋاپىق مايىللاشتۇرۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن فوندنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كاپالەت سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ئىككىنچى، شەخسىي ئىسچوتقا كىرگۈزۈش چارىسى ياخشىلىنىدۇ. ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر شەخسىي تاپشۇرغان ھەق يەنىلا ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىسچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئورۇنلار تاپشۇرغان ھەقنىڭ ھەممىسى بىرتۇتاش غەملەش فوندىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ شەخسىي ئىسچوتى بىر تۇتاش غەملىنىدىغان فوندتىن نورما بويىچە ئاجرىتىلىپ، كىرگۈزۈلىدىغان سومما تەدرىجىي ھالدا بىر تۇتاش غەملىنىدىغان رايونلاردا يولغا قويۇلىدىغان بۇ ئىسلاھاتنىڭ شۇ يىللىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ %2 ئەتراپىغا تەڭشىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، شەخسىي ئىسچوتنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ياردەم بېرىشىگە يول قويۇلىدۇ، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىش، شۇنداقلا بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورا دۇكىنىدىن دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشتا يۈز بەرگەن شەخسىي ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك خىراجەتنى چىقىم قىلىشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش قاتارلىق شەخسىي ھەقلىرىنى تاپشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  تۆتىنچى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەپتىش قىلىش، ئىچكى كونترول قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يالغاندىن دوختۇرخانىدا يېتىش، سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئامبۇلاتورىيەدە ئورتاق كاپالەتلەندۈرۈشكە ماس كېلىدىغان ھەق تۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۈچ يىل ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ ئىسلاھات نىشانىنى تەدرىجىي، تەرتىپلىك ئىشقا ئاشۇرسا بولىدۇ.

  «بىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئامبۇلاتورىيەدە بىر تۇتاش پىلانلاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.» زۇڭلى مۇنداق دېدى: «بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ كاپالەت سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ