دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى يېتەكچىلىك قىلغان، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىركۈنى» پائالىيىتىنىڭ ئاقسۇدىكى پائالىيىتى 22-ماي كۇچا ناھىيەسىدە باشلاندى.
«شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتىنىڭ ئاقسۇدىكى چوڭ تىپتىكى تور تاشقى تەشۋىقات پائالىيىتىدە ئوخشىمىغان مىللەت، كەسىپ ۋە ياشتىكى ئاقسۇلۇقلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتى، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش ئىرادىسى نامايان قىلىندى. پائالىيەتتە كۇچا ناھىيەسىدىكى مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئىگىلىك تىكلەش ماھىرى مېھراي شېرىپنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسى، 100 ياشلىق ئابدۇرېھىم گېلى بوۋاينىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى بايانلىرى، مەملىكەتلىك ۋاپادارلىق ئۈلگىسى ليۇ جەنفاڭ ئائىلىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. شۇ كۈنلۈك پائالىيەتتە، يەنە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە مېھمانلار كۇچا چوڭ نېنى شەھەرچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى .